خىتاينىڭ «غەربنىڭ ئېنېرگىيەسىنى شەرققە يۆتكەش» لىنىيەسىدە يېڭى رېكورت يارىتىلغان

خىتاي بۇ يىل قىش پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە يېڭى ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىنى شەرقتىكى خىتاي ئۆلكە-شەھەرلەرگە يۆتكەشتە يېڭى رېكورت ياراتقان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئېنېرگىيەدە ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان تايىنىشى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۈرسىتىدىكەن.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 21-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ «جوڭگو نېفىت شېركىتى» گە قاراشلىق تارىم نېفىتلىكى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇ يىل 3-ئايغىچە بولغان قىش پەسلىدە خىتاينىڭ شەرقىدىكى 15 ئۆلكە، 120 شەھەرنى 12 مىليارد 760 مىليون كۇپ مېتىر گاز بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ يۇقىرىقى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى 400 مىليون ئاھالە ۋە 3000 دەك زاۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدە بۇ مەزگىل ئىچىدە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر مىليارد 236 مىليون كۇپ مېتىر ئارتقانلىقى، تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھەر كۈنى 90 مىليون كۇپ مېتىردىن ئارتۇق گاز ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يۆتكەش سالمىقىمۇ ئارتقان. «شىنخۇا تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 10 يىلدا جەمئىي 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك 4 لىنىيە ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىدىكى 20 دەك ئۆلكە-شەھەرگە يوللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا ئۆتكەن يىل بىر يىل ئىچىدە يوللانغان يېڭى ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى 267 مىليارت 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. بىراق يېڭى ئېنېرگىيە خىتايغا يوللانغان ئومۇمىي ئېلېكتىر توكىنىڭ ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، كۆمۇر ئېلىكتىر ئېنېرگىيەسى يەنىلا ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن. خىتاي ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تېخى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 6 كۆمۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. كۆزەتكۇچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا ئىمبارگوغا ئۇچراۋاتقان بۇ رايوندا كومۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ئېغىر مۇھىت مەسىلىسى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.