خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېتىلداق سېتىشقا چەكلىمە قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېتىلداق سېتىشقا قويغان چەكلىمىسى 4‏-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. يېڭى بەلگىلىمىدە ئېتىلداق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كىملىك كۆرسىتىپ، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى، ئىسىم-فامىلىسى، ئېتىلداق سېتىۋېلىش مۇددىئاسى، مىقدارى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىدە يەنە، پەقەت چاغان مەزگىلىدىلا ئېتىلداق ئېتىشقا رۇخسەت قىلىنىپ، چاغاندىن كېيىن 5‏-مارتتىن باشلاپ ئېتىلداق ئېتىش بىردەك مەنئىي قىلىنغان. خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە «رادىكال كۈچلەر» ياكى «تېررورچىلار» نىڭ ئېتىلداقتىن پارتلاتقۇچ ياساپ، خىتاي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 2014‏-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلدى. خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014‏-يىلى تەپتىش ئورگانلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاز كەم 28 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەل «تېررورلۇق كۈچلىرىگە» باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ باقمىدى. بەزى پائالىيەتچىلەر قارشىلىقنى خىتاينىڭ دىنىي، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئىجتىمائىي باستۇرۇش سىياسىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق ئېتىلغاق سېتىش دۇكانلىرىغا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش «ئېتىلغاق سېتىۋېلىش تىزىملاش جەدۋىلى» تارقىتىپ بەرگەن.