ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمى تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان

ئەيدىز كېسەللىكى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى ئەڭ زور مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر، يىللاردىن بۇيان رايوندا ئاتالمىش «مۇقىملىق» توغرىسىدىكى سىياسىي تەرغىباتلار ھۆكۈمەت تاراتقۇلاردىكى «ئاساسىي مېلودىيە» بولۇپ كەلگەچكە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا يېتەرلىك ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەۋەلىكتىكى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، سەھىيە ئورگانلىرى ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى يېزىلاردىكى داۋالىنىش پونكىتلىرىدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا قارىتا قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بارىدىكەن. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مەخسۇس ئارخىپىنى تۇرغۇزىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا گەرچە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كونكرېت سانى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى مۇقام كۈچەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسەللىكى ئەھۋالىدا مۇنداق ئىككى خىل جىددىي ئۆزگىرىش كۆرۈلمەكتىكەن. ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ نۆۋەتتىكى تارقىلىش دائىرىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن. ئىككىنچىسى، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىدا ئىلگىرى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئورتاق شپىرىس ئىشلىتىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان بولسا، نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان رايون ئىكەن.