خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىغا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، توپ ۋە راكېتا جاھازلىرىنى سەپلىگەن

خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا ئىلغار تىپلىق يېڭى ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، زامبىرەك ۋە راكېتا قويۇپ بېرىش جاھازلىرىنى سەپلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەربىي تەييارلىقىنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتى، ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا ئىختىلاپى ۋە يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىشى، دىققات قوزغىدى. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئانالىزچىلەر بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى «مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قىسىملارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.

ھالبۇكى، خەۋەردە بۇ قوراللارنىڭ قايسىي قىسىملارغا سەپلەنگەنلىكى ۋە بۇ قىسىملارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە پەقەت خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى قوماندانلىق شتابىغا قاراشلىق بىر پولكىغا يېقىندا HQ-17A تىپلىق ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، PCL-181 تىپلىق ئاپتوماتىك زەمبېرەك، PHL-11 تىپلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللارنىڭ سەپلەپ بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، HQ-17A تىپلىق يېڭى ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمىدىكى پاراتتا كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

خىتاي تارتقۇلىرى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا تۇنجى قېتىم خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. «يەر شارى ۋاقىتى گېزىتى» شۇ قېتىمقى بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قىسىملىرىغا برونېۋىك، ئاپتوماتىك زەمبېرەك، كۆپ خىل راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك مىناميوت ۋە ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق كۆپ خىل يېڭى قوراللارنىڭ سەپلەپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.