د ئۇ ق باياناتچىسى: دائىرىلەرنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ 27-فېۋرال ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزگەن 10 مىڭ كىشىلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنى» نى ئۇيغۇرلارغا قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش، دەپ ئەيىبلىدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت سۆزىدە «خىتاي دائىرىلىرى تانكا، برونېۋىكلىرى ئارقىلىق قوراللانغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوشۇن ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىۋاتىدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى. نۆۋەتتە ئەنسىرەش ئىچىدىكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن ئورنىغا قويۇپ، بۇ مىللەتكە جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى توختىتىشى، دۇنيا جامائىتى بۇ ۋەزىيەتكە جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

2017-يىل كىرىشى بىلەنلا خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ساقچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يەنە يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي باستۇرۇشىنىڭ ئىجراچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارىتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىرەتكەن بولسا، رايوندىكى كۆچمەن خىتايلاردىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتكەن ئىدى. 9-فېۋرال قەشقەردە يۈز بەرگەن پالتىلىق چاناش ۋەقەسى ۋە 14-فېۋرال خوتەن گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن بەلگىلەنگەن خىتاي ئەمەلدارى چېن چۈەنگو مۇقىملىقنى قوغداش چاقىرىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.