«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسى بويىچە 2019-يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي باشلىنىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر، ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلارنى ئاساس قىلىنىدىكەن. قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ياشلارنىڭ ۋە «ئىنقىلابىي قۇربان» لار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنىش نىسبىتى %50 تىن، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ %70 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن، باشقا ئورۇنلاردىمۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش نىسبىتى مۇناسىپ ھالدا ئۆستۈرۈلىدىكەن»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئەمدىلىكتە رايوننىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسىدە قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. 3
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى