ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ماكانلىشىپ قېلىشقا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى شۇ جايلاردا ماكانلىشىپ قېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

5-ئاۋغۇست كۈنى، ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خەۋەردە، 2018-يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيە (شەھەر)لەردە قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، پەقەت يېزا دەرىجىلىك مۇلازىمەت مەركىزىدىنلا 1294 ئى قۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش پونكىتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇشى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ھەرقايسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن كەلگەن ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپ ماكانلىشىشىغا كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەسلىدە ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىسىملارغا كەلگەنلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆز ئۆلكىلىرى ۋە يۇرتلىرىغا قايتىدىكەن.

دىلشات رىشىت بۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى كۈچەيتىش شۇنداقلا رايوندىكى كونتروللۇقىنى ئۇلار ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتقان ساقچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش، بولۇپمۇ بۇ خىزمەتچىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.