ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلام ئېتىقادىنى جىنايەتلەشتۈرگەن خىتاي دائىرىلىرى پېشقەدەملەردىن «قۇربان ھېيتلىق» ھال سورىغان

بىر تەرەپتىن يۈز مىڭلىغان مۇسۇلماننى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يەنە بىر تەرەپتىن «پېشقەدەملەر» دىن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىغان. بۇ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ «پېشقەدەملەر» دىن چوڭ كۆلەمدە قۇربان ھېيتلىق ھال سورىغانلىقىنى ۋە مەخسۇس ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشىدۇر.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلدىن بېرى ساقال، ھېجاپ، روزا، زاكات، دىنىي كىتاب، جەينىماز قاتارلىق ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قائىدە، سىمۋوللىرىنى ۋە دىنىي بۇيۇملىرىنى «ئاشقۇنلۇق» دەپ باستۇرۇپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئەمدى پېنسىيەگە چىققان «پېشقەدەملەر» دىن قۇربانلىق ھېيتلىق ھال سورىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە قۇربان ھېيتلىق ناخشا مۇزىكىلىق چاي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇل دائىرىلىرىنىڭ ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ھامىدىن نىياز، يۈسۈپ ئەيسا، ئابدۇرېھىم ھامىت، نەيىم ياسىن قاتارلىق «پېشقەدەملەر» دىن قۇربان ھېيتلىق سورىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن مەزكۇر «ھال سوراش» نىڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى، بۇ، قۇربان ھېيتلىق ھال سوراش بولسىمۇ، بىراق ھېچكىم قۇربان ھېيت توغرىسىدا بىرمۇ ئېغىز گەپ قىلمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو «پېشقەدەملەر» گە سۆز قىلىپ، مەركەزنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئ‍ستىراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق ‍ئىجرا قىلىدىغانلىقى»، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك نىشانىدا قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقى» نى ئېيتقان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھال سوراش خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ قۇرۇق تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.