30 -ئاۋغۇست خىتاي خەۋەرلەر تورىدا، خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئۆز تورىدا ئېلان قىلغان «جامائەتنىڭ ئىئانە توپلىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمە» نىڭ تولۇق مەزمۇنى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8 ماددىلىق بەلگىلىمىدە 2016-يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسەتنامىسىنى ئالمىغانلارنىڭ ئىئانە توپلىشى توختىتىلىدىغانلىقى، كىنىشكىسىز ئىئانە توپلىغانلارنىڭ قانۇنى جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە 1-سېنتەبىردىن كېيىن ئىئانە توپلىغۇچىلاردىن چوقۇم ئۆز رايونىدىكى خەلق ئىشلار ئىشخانىلىرىدا پۈتۈن دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن «ئىئانە توپلاش رۇخسەتنامىسى»نى بېجىرىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 8 ماددىلىق ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ماددىسىدا يەنە مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئىچكى موڭغۇل، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەزكۇر رايونلارنىڭ مىللىي يېزىقىدىكى «ئىئانە توپلاش رۇخسەتنامىسى» نى تارقىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ئۈندىداردىكى بىر ئۇچۇردا، يېقىندا كورلادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەلۇم ئۇيغۇر ئانا ۋە ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بىر جۈپ قوشكېزەك بالىسى ئۈچۈن توپلىنىۋاتقان ئىئانىنىڭ 30-ئاۋغۇست تۇيۇقسىز توختىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ،«ئانا، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن توپلىنىۋاتقان ئىئانە يېتەرلىك بولدى، بۈگۈندىن باشلاپ ئىئانە توپلاش توختىتىلدى» دېگەن ئىزاھات بېرىلگەن. مەزكۇر ئۇچۇر ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا كورلادا ئېلىپ بېرىلغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز توختىشىغا خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىئانە توپلاش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.