ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 9 كىشى «توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جىنايىتى» بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «ئىنتېرنېت تورىدا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جىنايىتى» بىلەن يەنە 9 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان.

«خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان 9 دېلو مۇشۇ خىلدا بىر تەرەپ قىلىنغان ئون ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دېلولار ئىكەن. خەۋەردە مەزكۇر دېلولارغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ «ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، پىتنە-ئىغۋا ۋە يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازمىلار، سۈرەتلەر ۋە ئۈن-سىنلارنى ساقلاپ تارقاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە مەزكۇر 9 دېلوغا چېتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ 5 نەپىرى ئۇيغۇر، 1 نەپىرى ئۆزبېك، 3 نەپىرى خىتاي ئىكەن. ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دىنىي ماتېرىياللارنى، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈش ۋە ياكى ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. 3 نەپەر خىتاي بولسا ئۈندىدار ئېپىدە سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىش، قانۇنسىز يىغىلىش تەشكىللەش دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھالبۇكى، 3 نەپەر خىتاي پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن بولسا، قالغانلارنىڭ ھەممىسىگە جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كىشىلەرنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقى بولغان ئىدىيە-پىكىر ئەركىنلىكى، سۆزلەش ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ مىسالى، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «ئالاقە تورلىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى قانۇن-نىزاملارنى بەلگىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكلىرىنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.