ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا
2018.05.15
ئۆتكەن بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا قاتتىق نازارەت ئاستىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى يېقىندا يېڭىۋاشتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ ھەقتىكى يىغىندا مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك ئۈچۈن ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بولۇپمۇ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈش، سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ۋەزىپە قىلىش، تور دۇنياسىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق، تور دۇنياسىدىكى «قانۇنسىز» قىلمىشلارنى «بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇش» دېگەنلەر مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تور كونتروللۇقى 2009-يىلىدىن بۇيان زور دەرىجىدە چىڭىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا ھېچكىم تور دۇنياسىدا «قالايمىقان» يازما يوللاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
شۇنداق ئەھۋالدىمۇ بۇ ھەقتىكى كونتروللۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن بۇ بىشارەتكە ئاساسەن بەزى ئانالىزچىلار «بۇندىن كېيىن تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق تور يازمىلىرى ئۈچۈنمۇ ئېغىر جازا بېرىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.