خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق نامراتلىقنى يوقاتماقچى

خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئىنتېرنېت كابېل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاي خەلق تورى» نىڭ 27-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر بۇ رايونلاردا ئىنتېرنېت ۋە كەڭ بەلۋاغلىق ئىنتېرنېت كابېل قۇرۇلۇشىنى يېزا-كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

خەۋەردە «يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچۇر تاشيولى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەزكۇر رايونلاردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ياردەمدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر-ئالاقىنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى ھۈسەننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر 4 رايوندا «ئۇچۇر -ئالاقە قۇرۇلۇشى بىلەن ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستىكى ئارىسىدا يەنىلا پەرق مەۋجۇت» ئىكەن.

خەۋەردە ئېلى ھۈسەننىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقى تولۇق چۈشەندۈرۈلمىگەن.

ئەمما، ئېلى ھۈسەن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى 21 نامرات ناھىيەنىڭ بەشى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا جايلاشقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ 74 پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا شۇنچە كۆپ سالماقتا نامرات بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى كونكرېتنى شەرھلەنمىگەن.

بۇ يىل مارتتا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى يەن گوسەن نۆۋەتتە خوتەندە 703 مىڭ 500 نامرات بارلىقى، بۇنىڭ پۈتۈن رايوندىكى نامراتلار نىسبىتىنىڭ 27 پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىقنىڭ نېگىزىنى تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە دوكلاتلار ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ پەقەت بىر سىياسەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، يەرلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن مەنپەئەتدار قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن ئىدى.