2018-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ زور دەرىجىدە ئازىيىپ، خىتايدىكى ئەڭ ناچار رايونغا ئايلانغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى «خىتايدىكى ئىقتىسادى ئىزتىراپ چېكىۋاتقان نامرات ئۆلكىلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئۆرنەك ھېسابلىنىدىكەن.» خەۋەردە خىتاينىڭ كەسپىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا «ئۇيغۇرلاردىكى رادىكاللىقنى تۈگىتىۋاتىمىز» دەپ تەكىتلەۋاتقانلىقى، لېكىن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ سودا ۋە ئىشقا پايدىسىز ئىكەنلىكى، رايوندا مەبلەغنىڭ قاتتىق ئاقسىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2018-يىلنىڭ 3-چارىكىدە ئۇيغۇر رايونى بىلەن چىڭخەيگە كرېدىت ئېقىشى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 70 ھەتتا 80 پىرسەنتكە يېقىن ئازايغان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلغىمۇ كرېدىت ئېقىشى ئازايغان. خەۋەردە يەنە ھەممىدىن يامىنى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىكى بەزى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىدا بۇ رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ بۇنىڭدىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا2017-يىلى لاگېر قۇرۇلۇشى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، 2018-يىلى مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ھەر ئايدا ئازلاپ مېڭىپ، 2018-يىلى دېكابىرغا كەلگەندە 25% گە چۈشكەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆزىنىڭ 2019-يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش سۈرىتىنى تەڭشەشكە مەجبۇرلىغان. دائىرىلەر رايوننىڭ 2019-يىللىق GDP سىنى، يەنى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆسۈشىنى 7% دىن 5.5 پىرسەنتكە چۈشۈرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ئۆلكە ۋە رايونلىرى ئىچىدە 2019-يىللىق GDP سىنى ئەڭ تۆۋەن ئېلان قىلغان رايون ئىكەن. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتاي تىلى ۋە كەسىپ ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى سىياسىي، سودا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشنى شۇلارنىڭ كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.