ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 17-دېكابىر كۈنى ئىقتىسادى خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، 2020-يىلى رايوننىڭ ئۇيغۇرلارنى رايونغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي ئىگىلىك شەكلىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا بېيجىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنغان، شۇنداقلا كېلەر يىللىق ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىندا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ماسلىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى مەزكۇر يىغىنغا دائىر خەۋەرلەر كومپارتىيەنىڭ بىر قىسىم خىتاي زاۋۇت كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ كارخانىلاردا ھەقسىز ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئاساسىدىكى ئىقتىسادى ئىگىلىك شەكلىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، يىغىندا كېلەر يىلى داۋاملىق «مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ. . . . . . . . ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ. . . . . . بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى. . . . . . . . بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش» تەكىتلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەپ كېلىنىپ، رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساس قىلىنغان بىر خىل ئىگىلىك شەكىللەندۈرۈلگەن. لېكىن، بۇ خىل ئىگىلىك خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل كارخانىلاردا ئىشلەنگەن بەزى مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش تەكىتلىنىپ، «كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، تۈرلۈك كارخانا ۋە جەمئىيەت كاپىتالىنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش؛ ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان.