ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر رايوننىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل 9.3 پىرسەنت ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش سوممىسى 2012-يىلى 750 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان بولسا، ئۇنىڭ 2016-يىلى 961 مىليارد 7 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا 9.3 پىرسەنت ئېشىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈش سەۋىيەسىدىن 2.2 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن.
بىراق، خەلقئارادىكى بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى نورمال مەبلەغ ۋە ئىشلەپچىقىرىش يولى بىلەن بولمىغان. ئىقتىسادشۇناسلار، ئىقتىسادنىڭ ئۇدا 5 يىل 9.3 پىرسەنت ئېشىپ مېڭىشىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا سېلىۋاتقان سىياسىي مەبلىغى ۋە مۇقىملىق سېلىنمىسى ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئامانلىق قۇرۇلۇشى، قوش تىللىق مائارىپ، تور بىخەتەرلىك، يېڭى ئولتۇراق رايونلار قۇرۇلۇشى ۋە باشقا ھۇل قۇرۇلۇشلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ كەلگەن.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 5 يىلدا ئۇيغۇر رايونىغا 59 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 5587 خىل قۇرۇلۇش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى نىشانلىق خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەنپەئەتدار بولالمىغان.