ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆچمە ئاھالىلەر ئاساسىدا 100 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل كۆچمە ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، 100 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ قانداق ئۆلچەملەر بويىچە، قايسى ساھەلەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئائىت ئېنىق بىر ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمما، بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆچمە ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئۆز يۇرتلىرىغا ھەيدەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىدىكى خەۋەردە ئېيتىلغان كۆچمە نوپۇسنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلەرنى تۈرلۈك ئالاھىدە ئىمتىيازلار ۋە ياخشى ئىش پۇرسەتلىرىنى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كېلىشكە جەلپ قىلغاننىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ۋە ئىچكىرىدىكى كارخانا ئورۇنلىرىدا تەربىيىلىنىش -بىلىم ئاشۇرۇش دېگەن ناملار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتمەكتە.