دائىرىلەر ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسسىز ئىشسىزلارغا كۈنلۈكى 20 سوم بېرىدىكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەلق تورىنىڭ 28-ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولمىغان، بىراق ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تۇرۇشلۇق ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرى پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك قىلىش يېشى دائىرىسى ئىچىدە بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا ھەقسىز قاتناشسا بولىدىكەن. دائىرىلەر يەنە ھەر كۈنى، ھەر بىر ئادەمگە 20 سوم قاتناش ۋە تاماق تولۇقلىمىسى بېرىدىكەن.

بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغانلارنى ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشى بولۇپ، خەۋەردە بۇنىڭدىكى مەقسەت، كۇرس ئارقىلىق ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىپ ئورۇنلاشقان شىركەت، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى «باھار شامىلى» دەپ ئاتىغان ياقا يۇرتلۇق ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ بۇ يىللىقىنى‏ 7، 8 ۋە 9-ئاپرېل ئاچقان ئىدى. بۇنىڭدا 160 كارخانا ئورۇنلار 5657 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن. ئىنكاسلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈرۈمچىدە بۇ خىل ئىش پۇرسەتلىرى ۋە ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن تارقاقلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان. شۇنداقلا دائىرىلەر 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «قۇلايلىق كارتا» تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىگە كەلگەن ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇش، ئوقۇش، ئىشلەش ۋە ساياھەت، داۋالىنىشقا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلاردا توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئۆتۈشىنىمۇ قولايلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئۆي سېتىۋېلىش ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىقلا ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئۆتەلەيدۇ. پاسپورت بېجىرىشتىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئاسانلىق يارىتىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت