بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يەرلىك مىللەتلەر ئاران 30% نى ئىگىلەيدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ئىشسىزلاردىن 52 مىڭ 80 دىن ئارتۇق ستۇدېنتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق، ئىشقا ئورۇنلاشقان بۇ ستۇدېنتلاردىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئاران 30% نى تەشكىل قىلغان.

خىتاي «خەلق تورى»نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ستۇدېنتلارنىڭ ئىچىدىكى 18 مىڭ 750 نەپىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق خەۋەردە، ئۇلارنىڭ قايسى ساھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازار، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 53-54 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش، بايلىق ۋە ھوقۇق تەقسىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھېچقاچان بۇ نىسبەتكە ئەمەل قىلىپ باقمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى تەمىناتلىق دۆلەت كارخانىلىرىغا، نازۇك تېخنىكىلىق شىركەتلەرگە، نېفىت ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە ساھەلىرىگە، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى، سىياسىي ئورگانلىرىغا نىشانلىق خىتاي ستۇدېنتلارنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پەرقنى چوڭايتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تېخىمۇ جەمئىيەت سىرتىغا سىقىپ چىقىرىلىشىنى كۈچەيتكەن. نەتىجىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.