ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىنتىزامسىزلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە يوللانغان

ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئالاقىدار دائىرىلەر ئىلى ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ساۋ لۇشېڭنى تەكشۈرمەكتىكەن.

خەۋەردە، ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ ساۋنى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونكرېت قانداق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ساۋ لۇشېڭ ئەسلى سەندۇڭ جىنەنلىك بولۇپ، ئۇ 1976‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆنەس ناھىيەسىگە زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن. ئۇ بۇرۇن كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ئىلى ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغان.

ساۋ 2005‏-يىلدىن بۇيان ئىلى ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى قاتارلىق ھوقۇقلارنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ساۋ لۇشېڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئاز ساندىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىرى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسەن «چوڭ يولۋاسلار»غا تېگەلمىگەن. ئانالىزچىلار، «شىنجاڭدا مۇقىملىق ھالقىلىق ئامىل» دېگەن سىياسەت بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.