خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ «تارىخىي ئۇتۇق» قازانغانلىقى، بۇنىڭ غەربتىكى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ بۇ ھەقتىكى «بوھتان» لىرىغا قايتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك جاۋاب ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە «ياخشىلانغانلىقى» نى ئۆتكەن ئون يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىدىن كۆپ قاتلانغانلىقى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ بىر ھەسسىدىن كۆپ قاتلانغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ 48 مىليون ئادەم قېتىمدىن 265 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ خىل ئېشىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك ئالاقىسى بارلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقەللىيسى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاراتقۇلىرى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشى-يامانلىقى ھەققىدە شىنجاڭلىقلار سۆز قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش قاماققا مەھكۇم بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليونچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلاشتۇرۇشىغا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلارنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغانىدى. شۇ قاتاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتىدا «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، سىياسىي جەھەتتە مېڭە يۇيۇشنىڭ كېڭىيىشى، ئاياللارنى تۇغالماس قىلىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ساناپ ئۆتكەن. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، بىر مىليونچە ئۇيغۇر سەبىلىرىنىڭ ئائىلە جۇدالىقىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.