كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بايقالغان

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-ئىيۇل ئەتىگە سائەت نۆلگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن بايقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدار سانى 22 نەپەرگە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار 38 نەپەرگە كە يەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان ئىكەن.

خەۋەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە يەنە 25-ئىيۇل يېرىم كېچىگىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇمدارلىرىنىڭ جەمئىي سانى 137 نەپەرگە يەتكەن. بۇلارنىڭ 135 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 1 نەپىرى قەشقەردە بىر نەپىرى بىڭتۇەن تەۋەسىدە ئىكەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا 2 يۇقۇمدارىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرىۋاتقان بولسا، 14 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن كورونا يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 147 نەپەرگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن رايون مىقياسىدا 7 مىڭ 184 ئادەم كورۇنا ۋىرۇس گۇمانى بىلەن تېببىي كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان.

بۇ مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ رايوندا ئىككىنچى قېتىم قوزغىلىشى بولۇپ، ئۆتكەن 10 كۈندىن بۇيان پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار پەقەت خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلانغان بولغاچقا ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە بىر نەرسە دېيىش قېيىن ئىكەن.