ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ قېرىلار بىلەن بالىلارنى يىغىۋېلىپ بېقىش ئورنى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 12-دېكابىردىكى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلنىڭ بېشىدا قېرىلار بىلەن يېتىم بالىلارنى يىغىۋېلىپ بېقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن رايوندىكى قېرىلار بىلەن ئىگە-چاقىسىز بالىلارنى يىغىۋېلىپ بېقىش نىسبىتىنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزگەن.

2020-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلار، قېرىلار ۋە بالىلارنى يىغىۋېلىپ بېقىش، ساناتورىيە ۋە يەسلى سېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونىدىكى ساناتورىيەلەر 265 كە يەتكەن. ئەمما بۇ خەۋەردە، بۇ يىغىۋېلىپ بېقىش ئورۇنلىرىدىكى قېرىلار بىلەن بالىلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاشنى باشلىغاندىلا، كۆپلىگەن قېرىلار ۋە بالىلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئۇلارنى يىغىۋېلىش بېقىش پىلانىنىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن ئىجرا قىلغان. خىتاينىڭ پۈتۈن رايوندىكى ياشانغانلار بىلەن بالىلارنى يىغىۋېلىپ بېقىشى ھەرگىز خىتاينىڭ پاراۋانلىقى سىياسىتىنى ئەمەس، بەلكى قاباھەتلىك باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.