ئاتاقلىق قازاق دىنىي زاتلىرىدىن باقىتخان مىرزان خىتاي جازا لاگېرىدا ۋاپات بولغان
2023.03.13
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتاقلىق قازاق دىنىي زاتلىرىدىن باقىتخان مىرزان 9-مارت كۈنى خىتاي جازا لاگېرىدا ۋاپات بولغان. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باقىتقان مىرزاننىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق قېرىندىشى ئالماخان مىرزان باقىتخان مىرزاننىڭ 9-مارت كۈنى جازا لاگىرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئالماخان مىرزاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن باقىتخان مىرزاننىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان.
ئالماخان مىرزان نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئاستانادىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىپ، خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ بىرى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، خېلى كۆپ ساندىكى قازاق پۇقرالىرىنىمۇ ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى لاگېردىكى بىر قىسىم قازاق پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرىگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىغا قارىتا ئاساسەن سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئىلگىرى سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ئوتتۇا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستاندا قازاق لاگېر شاھىتلىرى بىلەن ئۇچراشقان، شۇنداقلا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ باقمىغانىدى.