يەنە بىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر دىنىي زاتنىڭ خىتاي لاگىېرىدا ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىن بولغان ئاتاقلىق دىنىي زات مەمتىمىن يۇنۇس داموللامنىڭ خىتاي لاگېرىدا ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ غايىب بولغان ئۇيغۇر ئالىملار تىزىملىكىدىكى 56 ياشلىق مەمتىمىن يۇنۇس داموللام بۇ يىل 6-ئايدا ۋاپات بولغان ئىكەن. قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇرۇنلا قولغان ئېلىنىپ لاگېرغا قامالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى باستۇرۇشلاردا مۇستەقىل ئىدىيەدىكى دىنىي زاتلار ئۇنىڭ ئىزچىل زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ كەلگەن.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا تەكىتلىنىشىچە، بۇ خەۋەرنى مەرھۇمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئوغلى دەلىللىگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ قانداق شاراىتتا ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قەيت قىلىنىشىچە، مەمتىمىن يۇنۇس داموللام 2016-يىلى 2-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن گۇما كۆكتېرەك يېزىسىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. لېكىن بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىشى ئەمەسكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2014-يىلى 11-ئايدا غۇلجادا بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 2015-يىلى 10-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

خەۋەرلەردە تەكىتلىنىشىچە، مەمتىمىن يۇنۇس داموللام ئۇيغۇر دىيارىدا خېلى تەسىرى زور دىنىي زاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قاغىلىقلىق ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ خاس ئوقۇغۇچىسى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردىن باشلاپلا ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمدا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان، تۇتقۇن قىلغان ياكى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى.