خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى

2-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىدا «مەجبۇرىي ئەمگەكنىىڭ يوقلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى. «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنمايدۇ» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە «نيۇ-يورك ۋاقتىت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ «يالغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» 30 دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر «مەجبۇرىي ئەمگەك» لاگېرى ئىچىدىن يوشۇرۇن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا پىلانلىق ۋە پروگراممىلىق ھالدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئۇلار خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرنى ھەربىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي ئىدىيە بويىچە تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۇلارنى زور كۆلەملىك زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشچىلارنىڭ خىزمەتنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئېرىشكەن بۇ مەخپى كۆرۈنۈشلەردىكى زاۋۇتلارنىڭ تۈرمىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، قاتمۇ-قات توساقلار ۋە ئېگىز تاملار بىلەن تورالغان بۇ زاۋۇت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانى يوق ئىكەن. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىپ، ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىغان بولسا، يەنە بىر قسىملىرىنى كىيىم-كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاياق تىكىش زاۇتلىرىدا ۋە كوچا سۈپۈرۈش خىزمەتلىرىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق قامال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ب يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› پاكىتلارنى بۇرمىلىدى،» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇلار نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باي بولۇشى» غا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما مەخپىي تارتىلغان ۋىدېيودىكى بىر ئىشچى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كىرىمىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارادا دىققەت قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.