ئۇيغۇر رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4-ئاپرېل كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى يەتكۈزۈلگەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ماشىڭرۇي يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:
«ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەخپىيەتلىكنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئادەمنى ياخشى باشقۇرۇشى، مەخپىيەتلىكنى ياخشى باشقۇرۇشى، تورنى ياخشى باشقۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى رەت قىلىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، رايوننىڭ ئىشىكى كەڭ ئوچۇق، دېگەن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانىدى. ئۇنىڭ بۇنداق مەزگىلدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 2022-يىلى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلىت ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندىنمۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھەققىدە ئاھالىلەرنى تەنبىھلىگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. ئەينى چاغدا رادىيومىز دائىرىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتىكى 10 نى قىلماسلىق» نامىدا بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.