خىتاي مەتبۇئاتلىرى تارىم دەريا ۋادىسىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشىنى تىلغا ئالدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ بايلىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىش مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق رايوندىكى مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇھىم دەريا-ئېقىنلارنىڭ بىرى بولغان تارىم دەريا ۋادىسىنى يېشىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە بۈگۈن شىنخۇا تورىدا بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردە، تارىم ۋادىسىدىكى «يېشىل كارىدور» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەن يىلى تارىم دەرياسىدا ئىككى يېرىم مىليارد كۇب مېتىر سۇ ئېقىپ رېكورت بۇزغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دىققەت قوزغايدىغىنى، تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىللىقلار ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىققا ئائىت رەقەملەر بولۇپ، ئۇنىڭدا «1950-يىلىدىن بۇيان رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش ۋە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن تارىم دەرياسىغا تۇتۇشىدىغان ئالاھازەل 400 دەريا ئېقىنى قۇرۇپ كەتتى. ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرى قۇرۇپ ۋە قىسقىرىپ، ھازىر 1300 كىلومېتىر ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.

يەر ئاستى سۈيى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. تايتاما دەرياسى قۇرۇپ كېتىپ، زور مىقداردىكى توغراقلىقلارنى قۇم بېسىپ كەتتى. يېشىل كارىدورنىڭ تۆۋەن تەرىپى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى» دېيىلگەن.

تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا، 1950-يىللاردىن ئېتىبارەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىڭتۇەننىڭ 1-دېۋىزىيەسىنىڭ 16 پولكى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونى، يەنى ئارال قاتارلىق رايونلارنى مەركەز قىلىپ، كورلانى ئاساس قىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن، 2-دېۋىزىيەنىڭ 14 پولكى بولسا كورلانى ئاساس قىلىپ، دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى رايونىنى كونترول قىلغان ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى ۋە ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولغان تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ۋادىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قولى بىلەن پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە يۇقىرىدىكى خەۋەر ئارقىلىق بۇنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.