ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكى، سۇ ۋە ھاۋانىڭ داۋاملىق بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل ناچارلىشىپ ماڭغان.

بۇ ئەھۋال يەرلىك دائىرىلەرنى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسى يېقىندا مۇھىت قوغداشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، مىنېرال ماددىلار، رەڭلىك مېتال، باتارېيە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى قويۇپ بېرىشىگە يېڭى ئۆلچەم بېكىتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسى يەكەن، پىچان قاتارلىق ناھىيەلەردىكى رەڭلىك مېتال، مىنېرال ۋە باتارېيە شىركەتلىرىگە يېڭى ئۆلچەمنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لېكىن بۇ ئۆلچەم قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى تۈرلەرگە ياكى تەستىقلانغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 2019‏-يىلى 1‏-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغايدىغان كارخانىلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەپ چىقىشى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى تېزلەتكەن.

خىتاي مۇھىت تارماقلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان 10 شەھەرنىڭ 5 ئىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەر يېقىنقى 1-2 يىلدىن بېرى تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، توغراقلىقلارنى قوغداش، ئۇلۇنگۈر، باغراش كۆللىرىنى قوغداش، دەريا ئېقىنلىرىدا بېلىق تۇتۇشنى پەسىللىك چەكلەش دېگەندەك بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان.

كۆنچى دەرياسىنى سۈيىنى كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى توغراقلىقلارنى قوغداش شۇ خىل مۇھىت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش يېقىندا باشلانغان. بۇ يىلقى پىلاندا كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىنىڭ سۇ مىقدارىنى 200 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتكۈزۈش ئىكەن. لېكىن مۇھىت قوغدىغۇچىلار بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى كۆچمەنلەرنى تىزگىنلەپ، زاۋۇت-كارخانىلارنى كونترول قىلىش ئىكەن.