خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماپ، يەنە بىر ياقتىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق رايوننى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي دائىرىلىرى سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىك خىزمەتلىرىنى ھەدەپ بازارغا سالماقتا.
شىنخۇا تورىنىڭ 2-ماي كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدىغان باغراش كۆلىدىكى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ جانلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە بېرىلگەن سۈرەتتە كۆل ئەتراپىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە پاسوندا سېلىنغان چوڭ-كىچىك راۋاقلار بىلەن تولدۇرۇۋېتىلگەنلىكى دىققەت قوزغىدى.
باغراش كۆلى ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنداقلا خىتاي مىقياسى بويىچىمۇ چوڭ تىپتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆلىمى 1200 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. باغراش كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سازلىقلار بولسا ئادەتتە كەم ئۇچرايدىغان ئاققۇ، غاز، ئۆردەك ۋە ھەر تۈرلۈك يەرلىك بېلىقلارنىڭ ماكانى.
بىراق، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر كۆلنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان كۆلنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كەم ئۇچرايدىغان قۇش ۋە بېلىقلارنىڭ تۈرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن، ھەتتا بەزىلىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2017-يىلى باغراش كۆلىنىڭ مۇھىتىنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋىرىدە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان كۆل ئەتراپىدا قۇرۇلغان زاۋۇت كارخانىلاردىن چىققان مەينەت سۇ ۋە ئەخلەتلەر باغراش كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى 600 مىڭ مو قومۇشلۇقنىڭ 1/3 قىسمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ۋە باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنىڭ جىددىي دەرىجىدە كىرلىشىشى، تۇزلىشىشى ۋە ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.
دائىرىلەر گەرچە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئېلىپ، كۆل ئەتراپىدىكى مۇھىتنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەردىكى ھەددىدىن زىيادە ساياھەتچىلىك خىزمەتلىرىنىڭ كۆل مۇھىتىغا ئەپ كېلىدىغان زىيىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.