ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېرىۋاتقانلىقى مەلۇم

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.08

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىچىك مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى تېز بولماقتىكەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «شىنجاڭ تەڭرىتاغ مۇزلۇقى دۆلەت دالا ئىلمىي كۆزىتىش تەتقىقات پونكىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا «كەلگۈسىدە مەيلى قايسى خىل كىلىمات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلاردا كۆلىمى 0.5 كىۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك بولغان مۇزلۇقلارنىڭ 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېرىپ يوقىلىشقا باشلايدىغانلىقى، 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا بولسا كۆلىمى 2.0 كىۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك مۇزلۇقلارنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقى، كۆلىمى 10 كىۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك بولغان مۇزلۇقلارنىڭ قالدۇق مۇز مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن» لىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب «يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى» دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ 2-قېتىملىق مۇزلۇق مۇندەرىجە تۈزۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئىلىدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان مۇزلۇق 20 مىڭ 695 پارچە بولۇپ، خىتايدىكى مۇزلۇق سانىنىڭ 42.6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقان بىر تېما ئىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات فوندى قارمىقىدىكى «مۇزتاغ مەركىزى» ناملىق تەتقىقات ئورنى 2018-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولغان مۇزلۇقلار ھازىرقى مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ئېرىسە، كەلگۈسى 50 يىلدا ئېرىپ تۈگىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ۋىلسون مەركىزى» ئىلگىرى مۇشۇ مەسىلىدىكى بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شىددەت بىلەن كان بايلىقلىرىنى قېزىشى، كەڭ كۆلەملىك كۆمۈر، تۆمۈر، مىس كانلىرىنى ئېچىپ، كۆمۈر-گاز زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۇيغۇر ئېلى يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ زور خەۋپ بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى جەزملەشتۈرۈش قىيىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.