ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۈندىداردا «تېررورلۇق» ۋە «خەۋپسىزلىك» كە چېتىلىدىغان ۋەقەلەرنى پاش قىلىدىغان بىر سۇپا تەسىس قىلغان.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تىنچلىق ئۆيى» دەپ ئىسىم بېرىلگەن بۇ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت كۆرسىتىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئەھۋال ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلەر 200 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن. يۇقىرىقى بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر نۆۋەتتە ئەتىگەنلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ئارقىلىق بارلىق ئاممىنى بۇ ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋېلىشقا ئۈندىمەكتىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇ خىلدىكى پاش قىلىش ئېلانلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان. ھەرقايسى يەرلىك ئورگانلارمۇ ئۆز ئالدىغا مانا مۇشۇنداق پاش قىلىش سۇپىلىرىنى تەسىس قىلغان ۋە ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ 500 مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېكىتكەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرغا قامىغانلىقى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭمۇ قاتتىق قامال ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقان بىر شارائىتتا دائىرىلەرنىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر مۇنبەرنى تەسىس قىلغانلىقى نامەلۇم. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تەشۋىقات مەقسىتى بارلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئۇ يەردە «تېررورلۇق تەھدىتى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاقلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.