دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا 200 مىڭ كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق «ئەبەدىي ئەمىنلىك» كە پۇختا ئاساس سالغانلىقىنى داۋراڭ سالغان

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان 200 مىڭ كادىرنى 3 يىلغا بۆلۈپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق رايوندا «ئەبەدىي ئەمىنلىك» كە پۇختا ئاساس سالغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 200 مىڭ كادىرنى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش پىلانىنى رەسمىي باشلىغان.

شاھىتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن چىرايلىق ناملار بېرىلگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى «مۇقىملىق» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسىي قاتلامدىكى 10 مىڭ ئورۇننى تولۇق قاپلايدىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا، كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ 70 % ئىنى يەرلىك مىللەت كادىرلىرى ئىگىلەيدىكەن. ئادەتتە تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنىڭ چوقۇم پارتىيە ئەزاسى بولۇشى، خىتاي كادىرلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلىدىن بىلىمى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەتتە چوقۇم يەرلىك پارتكوملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى شەرت قىلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئاتالمىش «ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش» دەپ داۋراڭ سېلىنىۋاتقان ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇقىملىق» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن باشقا كىشىلەر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.