تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم 30-نويابىر كۈنى «ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى» ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىن كەلگەن 90 دىن ئارتۇق دىنى زات قاتناشقان.
يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، «دىنىي خىزمەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى كۆپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.
ئۇ يەنە؛ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە دىنى ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› نى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلار، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.» دەپ تەكىتلىگەن.
چېن چۈەنگو سۆزى داۋامىدا يەنە دىنىي زاتلاردىن «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قەتئىي بوشاشماي قوغدىشىنى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش» نى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 26-28-نويابىر كۈنلىرى بېيجىڭدا خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ 10-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدا سۆز قىلغان خىتاي دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەنمۇ دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ۋە دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى سىياسىتى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەرىجىگە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇلار، ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي دىنى ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغىمۇ چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى، ئۆز دىنى ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە بولسا تېررورچىلىق ۋە دىنى رادىكاللىق قالپىقى كىيدۈرۈپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» ۋە «قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.