خىتاينىڭ شىنخۇا تور تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 2-خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىرلىكتە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش خەلقئارا ئالماشتۇرۇش يىغىنى» ماۋزۇلۇق سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رايوندا نامراتلىق تۈگىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركېن تۇنىياز سۆز قىلىپ: «2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى 3.0649 مىليون يېزا نامرات ئاھالىسى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات يېزا ئازايدى، 35 ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىختا ھەل قىلىندى. مانا بۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئابىدىسى» دەپ سۆز قىلغان.
يىغىندا يەنە بىر قانچە «خەلق ۋەكىللىرى» سۆز قىلىپ «كىشىلەر ھازىر كەڭ ۋە يورۇق بىنالاردا تۇرىدۇ، تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدۇ، سىملىق تېلېۋىزور كۆرىدۇ، يان تېلېفون ئىشلىتىدۇ ۋە تاماق ئېتىش ئۈچۈن تەبىئىي گاز ئىشلىتىدۇ. بۇ يەردە يەسلى، مەكتەپ، ساغلاملىق مەركىزى، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىقلار بار. ئىلگىرى بۇ خىل ھاياتنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات يىغىنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى سوفى رىچاردسون قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك چاكىنا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچكىمنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىدەك پاكىتنى يوشۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى كۈلكىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، جەنۋەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىرلىشىپ ئاچقان بۇ يىغىندا بېلارۇسىيە، ئىران، رۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا، پاكىستان، لائوس، شىمالىي كورېيە قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نۇتۇق سۆزلىگەن.