«خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى» 29-يانۋار كۈنى مەزكۇر كۇلۇبقا ئەزا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى 2018-يىللىق پائالىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا «ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ۋە بىۋاسىتە چاڭگال سېلىشى سەۋەبلىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى خىزمىتى ئىزچىل توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلدى. شىنجاڭدىكى مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتى ئەڭ زور دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىدى» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەللىك مۇخبىرلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور توسالغۇلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا مۇخبىرلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى ياكى مۇخبىرلارنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىش ئەھۋالى ئىكەن. بۇ قېتىم راي سىناشقا قاتناشقان مۇخبىرلارنىڭ 55 پىرسەنتى «مۇخبىرلىق قىلىش شارائىتى بارغانسېرى ناچارلاپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەن. بىرمۇ كىشى بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالدا ئىلگىرىكىدىن ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىگەن.
«خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى» نىڭ رەئىسى خاننا سالبېرگ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «كەڭ كۆلەملىك نازارەت ۋە خەۋەر مەنبەلىرىگە بولىدىغان بېسىم سەۋەبلىك مۇخبىرلار نىشان قىلغان جايغا بارماي تۇرۇپلا خەۋەر ئىشلەشتىن ۋازكېچىشكە مەجبۇرلانماقتا» دېگەن. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن «بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ بيۇرو مۇدىرى مېگا راجاگوپالان، ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى ماسيۇ كارنېي قاتارلىقلار بىردەك ۋىزا جەھەتتە «جازالانغان». ماسيو كارنېي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «تېلېفونۇمدا ساقچىلارنىڭ گ-ماىل ھېساباتىمنى ئاچقانلىقى ۋە بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى يۇيۇۋەتكەنلىكىگە شاھىت بولدۇم» دېگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغان 27 مۇخبىرنىڭ 24 نەپىرى ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان؛ ئۇلارنىڭ 19 نەپىرىگە ساقچىلار «كومپيۇتېر ۋە سىن ئاپپاراتلىرىدىكى ماتېرىياللارنى ئۆچۈرۈۋېتىش» تەلىپىنى قويغان؛ 23 نەپىرىنىڭ ئارقىسىغا ئاشكارا ھالدا ئادەم چۈشكەن.
ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «بۇ دوكلات تەنقىدلەشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ. چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ھوقۇقلىرى تولۇق قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە» دېگەن.