ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات فوندى قارمىقىدىكى «مۇزتاغ مەركىزى» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تور بېتىدە 28-مارت كۈنى بۇ ھەقتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىگە «شىنجاڭدىكى ئېرىشكە يۈزلىنىۋاتقان مۇزتاغلار رايوندا جەزملەشتۈرۈش قېيىن بولغان مەۋھۇم كېلەچەك شەكىللەندۈرمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ مەنبەسى ئاساسلىق 8 دەرياغا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ دەريالارنىڭ سۈيى ئەتراپتىكى قارلىق تاغلارنىڭ ئېرىگەن مۇزلىرىدىن كېلىدىكەن. شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدا 10مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالاھازەل 6500 مۇزلۇق، جەنۇبتا بولسا 13مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11مىڭ مۇزلۇق بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ مەنبەسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك مۇشۇ مۇزتاغلارغا قاراشلىق بولغانلىقتىن، كېلىمات ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر ئېلىگە زور خەۋپ ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «جۇغراپىيە ۋە ئېكولوگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى چېن يانىڭ قاتارلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزتاغلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتىنىڭ ئىنتايىن تېزلىكىنى، رايوندىكى قۇرغاقچىلىقىنىڭ ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر قوللىنىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4 مىليون 800 مىڭ يىللىق تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى2016-يىلى4-ئايدىن بۇيان 2. 7 مېتىر ئېرىگەن. ئەگەر تېمپېراتۇرا مۇشۇنداق ئۆرلىسە، 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق 50 يىل ئىچىدە پۈتۈلەي ئېرىپ تۈگەيدىكەن.
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئىلگىرى مۇشۇ مەسىلىدىكى بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شىددەت بىلەن كان بايلىقلىرىنى ئېچىشى، كەڭ كۆلەملىك كۆمۈر، تۆمۈر، مىس كانلىرىنى ئېچىپ، كۆمۈرگاز زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۇيغۇر ئېلى يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ زور خەۋپ بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى جەزملەشتۈرۈش قېيىن ئىكەن.