«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى قەشقەر شەھىرىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 22-ئىيۇن كۈنى خىتايدىكى «خىتايدىكى ‹يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب شەھىرى› ھەممىمىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك» سەلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ ئاپتورى بىل درېكسېل 2018-2019-يىللىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ جەرياندا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارەت سىستېمىسىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ كۈچلۈك نازارەت ۋە تەقىب تورى ئاستىدىكى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىش جەريانى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، 2009-يىلدىن 2014-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن ئىدى. شۇ قېتىملىق بۇزۇشتا قەشقەر شەھىرىدىكى 90 پىرسەنتىن كۆپرەك قەدىمى ئولتۇراق ئۆيلەر ۋە مەھەللىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ماقالىدە يەنە خىتايدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنى باستۇرۇشتا قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركىتى بولغان «خۇاۋېي شىركىتى» 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ نازارەت مېخانىزىمىنىڭ تولۇق كونتروللۇق ئاستىدىكى «ئەقلىي شەھەر» بولۇشىدا قانداق رول ئوينىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دىققەت تارتقان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەردە يۇقىرى تېخنىكالىق نەقىپ سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قولى بار ئىدى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە تولۇق ئىشقا ئاشۇرغان يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.