خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن يېقىندا 228 مىليون توننىلىق نېفت زاپىسى بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ كۈندىلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتقان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ نېفىتلىك شايار ناھىيىسى تەۋەسىدە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئېنېرگىيە مەنبەسى ھاسىل قىلىنغان.
ئۇيغۇر دىيارى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئەڭ نامرات رايونلاردىن بولۇپ كەلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ياردىمىگە ئېرىشىدىغان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تۆۋەن باھالىق ياللانما ئىشچىلىققا يۆتكەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھېسابسىز يەر ئاستى بايلىقى ئۇيغۇرلارنى ھېچقانچە باي قىلغىنى يوق. ئەكسىچە بۇ بايلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا تېخىمۇ ئېغىر سىرتماقلارنى سېلىشقا سەۋەب بولماقتا،» دېدى.