تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي نېفىتلىكىدە مىليارد توننالىق نېفىت زاپىسىغا ئىگە ماخۇ نېفىتلىكىنى بايقىغان خىتاي گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى تاڭ يوڭغا «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا ئالاھىدە مۇكاپاتى» بېرىلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان «شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى» دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىتلىكلەردە 35 يىل ئىشلىگەن تاڭ يوڭ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن. تاڭ يوڭ مۇنداق دېگەن: «مەن ماخۇ نېفىتلىكىدەك بىر مىليارد نېفىت زاپىسىغا ئىگە نېفىتلىكتىن يەنە بىرىنى تاپىمەن».
خەۋەردە يەنە، 2012-يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليون توننادىن ئېشىپ، 2023-يىلى 18 مىليون 60 مىڭ تونناغا يەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نى پۈتتۈرۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن. شۇنىڭدىن بۇيانقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان غايەت زور نېفىت بايلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداۋاتقان، تارىم ئويمانلىقىدىن ئىچكىرىگە توشۇۋاتقان تەبىئىي گاز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 500 مىليون ئاھالىنى قامداۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بايلىقلارنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە يېقىلغۇ مەسىلىسى ھەل بولماي كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن چىقىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.