تارىم نېفىتلىكى خىتاينىڭ شەرقىدىكى 400 مىليون ئاھالىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە

خىتاينىڭ «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» گە قاراشلىق تارىم نېفىتلىكى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبىسى» ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىگە جايلاشقان 120 دەك چوڭ-كىچىك شەھەردىكى 400 مىليون ئاھالە ۋە 3000 كارخانىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-يانۋار ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ 2020-يىلىغا كەلگەندە گاز توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 270 مىليارد كۈپ مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ ھەر كۈنى 95 مىليون كۈپ مېتىر گاز توشۇيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەبىئىي گاز تارىم نېفىتلىكىنىڭ يېڭى مەھەللە، كارا-2، دىنا-2 قاتارلىق گازلىقلىرىدىن يوللىنىدىكەن. خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبىسى 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە يىلىغا 351 مىليون كۈپ مېتىر گاز يوللانغان، بارا-بارا كۆپىيىپ يىلىغا 25 مىليارد كۈپ مېتىردىن ئارتۇق يوللايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. ئەينى چاغدا بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشقا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەرلىك خەلققە پايدا ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، ئۇنىڭ مۇھىتنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقى تېخىمۇ تارىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، گەرچە تارىم نېفىتلىكى 400 مىليون خىتاي ئاھالىسىنى گاز بىلەن تەمىنلىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن گاز چىقىۋاتقان جايلاردىكى ئۇيغۇرلار پايدىلىنالمايدىكەن. ئۇلار بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر يېقىلغۇدا قىينىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق قىسمى بىڭتۇەن جايلاشقان 41 ناھىيە، شەھەر، 21 يېزا ئىگىلىك مەيدانىدىن ئۆتىدىكەن. خەۋەردە، جەنۇبتىكى 4 يېرىم مىليون ئاھالىنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك خەلقنىڭ قانچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.