خىتاينىڭ تارىم نېفىت شىركىتى يېقىنقى 34 يىلدا تارىم ئويمانلىقىدىن 470 مىليون توننا نېفىت قېزىۋالغان

خىتاينىڭ دۆلەتلىك «خىتاي نېفىت شىركىتى» گە قاراشلىق تارىم نېفىتلىكى تارماق شىركىتى يېقىنقى 34 يىل ئىچىدە تارىم ئويمانلىقىدىن جەمئىي 470 مىليون توننا نېفىت-گاز قېزىۋالغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە تارم نېفىتلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت-تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلانغان. بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت-تەبئىي گاز زاپىسىنى قېزىشنى «شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى» كونترول قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت-تەبئىي گاز قېزىش ھوقۇقىنى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئېنىرگىيە شىركەتلىرىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغان. دائىرىلەر 1989-يىلى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنى قۇرۇپ، بۇ شىركەتنى خىتاينىڭ دۆلەتلىك «خىتاي نېفىت شىركىتى» نىڭ قارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىم ئويمانلىقى دۇنيادىكى بىردىن-بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق ئېىرگىيە بايقىلىقى زاپىسىنى ئاساس قىلغان نېفىت-گاز ئويمانلىقى ئىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» 10-ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە، تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا تەكلىماكان چۆللىكىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىن 200 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز زاپىسى ۋە بىر مىليارد توننىلىق نېفىت زاپىسى بايقاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 33 مىڭ 900 توننادىن ھازىرقى 33 مىليون 100 مىڭ تونناغا يېتىپ، خىتايدىكى 3-چوڭ نېفىت-تابئىي گاز ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەشنىڭ ئاساسلىق گاز مەنبەسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنىرگىيە بازىسى قىلىش قۇرۇلۇشىنىمۇ كۈچەيتكەن، بولۇپمۇ كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىدىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» نىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا تارىم نېفىتلىكىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قېزىش ئېلىپ بېرىشتا ئارقا-ئارقىدىن زور بۆسۈشلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، «خىتاي نېفىت شىركىتى» نىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ساھەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.