خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تەبئىي گازىنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەرگە يۆتكەشنىڭ 4-لىنىيە قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. 2022-يىلى 9-ئايدا باشلانغان 3340 كىلومېتىرلىق بۇ گاز تۇرۇبا يولى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشسە، بۇ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى قالايمىقانلىشىپ، خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئۆتكۈرلۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر دەۋردە، خىتاينىڭ تەبئىي گازدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ 4-لىنىيە قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن ئەركەشتام ئارقىلىق قىرغىزىستانغا تۇتۇشۇپ، ئۇ يەردىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبئىي گاز بازىلىرىغا ئۇلۇنىدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 4-لىنىيەنىڭ ھازىرقى 1-، 2-، 3-تۇرۇبا يولى لىنىيەلىرىدىن كېيىنكى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇلايدىغان يەنە بىر ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە قانىلى ئىكەنلىكى، بۇ لىنىيەنىڭ ئەركەشتامدىن بۈگۈر، تۇرپان، نىڭشيا ئارقىلىق بىر ئۇچىنىڭ شاڭخەيگە، يەنە بىر ئۇچىنىڭ بېيجىڭغا يېتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ 1-لىنىيەسى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ 2-ۋە 3-لىنىيەلىرىنى ياتقۇزغان.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» نىڭ ئالدىنقى 3 لىنىيەسى 2022-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىنى 800 مىليارد كۈپ مېتىر تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن. خەۋەرلەردە، بۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى 500 مىليون ئاھالە، 4 يۈزدىن ئارتۇق شەھەر ۋە 3000 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇتنى تەمىنلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە 4-لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 1300 كىلومېتىرلىق قىسمى پۈتۈپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇمۇل چېگراسى ئىچىدىكى 372 كىلومېتىرلىق قىسمى ياسالماقتىكەن. خەۋەردە 3340 كىلومېتىرلىق بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ 2024-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.