خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش نامىدىكى قىرغىنچىلىق» دېيىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەمدە تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغانىدى. «چېگراسىز ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى» نىڭ رەئ‍سى رېججىي لىتىلجون يېقىندا «برېيتبارت خەۋەرلىرى» تورىدا بۇ ھادىسىلەرنى «خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن قەبىھ ئالدامچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

رېججىي خانىمنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1920-يىللىرىدىن تارتىپلا «ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش» نامىدا تۇغۇت چەكلەشنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە «ئاز تۇغۇش، ساز تۇغۇش» دېگەندەك يېڭى شوئار ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋېتىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ئ‍ۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر ئاللىقاچان «ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش» دائ‍رىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئ‍ادەمنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنى بىئولوگىيەلىك سىناق ئوبيېكتى قىلىۋالدى. بۇ لاگېرلاردا ئىچكى ئەزالىرى ئوغرىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ساپاسى بۇ شەكىلدە قانداق ياخشىلانسۇن؟ بۇ سېپى ئۆزىدىن نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش نامىدىكى قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

رېججىي خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بىرلىشىپ خىتايدىكى بۇ يېڭى قىرغىنچىلىقنى مۇستەقىل يوسۇندا تەكشۈرۈش ئىكەن. بولۇپمۇ لاگېرلاردىكى تۇغۇت مەسىلىسىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش بۇنىڭدىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان قاناللار ئارقىلىق «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قالاق ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى تەشۋىق قىلىشى نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈپ قويۇۋاتقان بولۇپ، «راست-يالغاننى ئارىلاشتۇرىۋېتىش» تىكى ماھىيەتنى تونۇپ يېتىش بەكمۇ مۇھىم ئىكەن.