خىتايدىكى تۆت يېرىم مىليون «پىدائىي» ۋە لاگېرلاردىكى ئېتىقاد «ئۆزگىرىشى»

تاجسىمان ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى مائاش بېرىش ئارقىلىق تۆت يېرىم مىليون كىشىنى تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلاردىكى «قامال تەدبىرلىرى» نىڭ ئىجرا بولۇشىنى كۆزەتكەن.

«زىمىستان» تورىدا 28-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان مەخسۇس ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ غايەت زور «پىدائىيلار قوشۇنى» ئارقىلىق زادى كىملەرنى نازارەت قىلغانلىقى تەپسىلىي شەرھلەندى.

يې لىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاللىقاچان تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان «كاتەكچىگە ئايرىش» شەكلىدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ھەر بىر كاتەكچىگە توغرا كېلىدىغان مەھەللىلەر بويىچە بۇ مىليونلىغان ساندىكى نازارەتچىلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي كۆز قارىشىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان «تۇراقسىز ئېلېمېنت» لارنىڭ مەركەز بولغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 19 مىڭ كاتەكچىگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا 21 مىڭ نەپەر «پىدائىي» سەپلەنگەن. مۇشۇ خىلدىكى «پىدائىي» لاردىن بىرى «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «بىز ئىشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرى مەسئۇل كىشىلەر بىزگە ‹ئۇيغۇرلار دېگەن تېررورچىلاردۇر. ھازىر ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ› دېگەن. شۇڭا بىز ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىمىز. بىز مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلارنى توختىماستىن پاراكەندە قىلىپ، بۇ جايدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتىمىز،» دېگەن.

بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان يەنە بىر ساھە دىنىي ئېتىقاد بولۇپ، كىملەرنىڭ يوشۇرۇنچە دىنىي ئېتىقادىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدىكەن. بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد تەكشۈرۈشى لاگېرلاردا نۆۋەتتە تېخىمۇ قاتتىق داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، «زىمىستان» تورىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ.

بۇنىڭدا يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر تۇڭگان ياش لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشلارنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، گۇندىپايلارنىڭ مەھبۇسلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى يوق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گۇندىپايلار بەزىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى كامىرنىڭ ئىچىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىپ تەرەت قىلىۋاتقان كىشىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە مەجبۇرلايدىكەن، ئۇنىمىغانلارنى قاتتىق جازالايدىكەن. بۇ خىلدىكى ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان جازالارنىڭ كۆپلۈكىدىن ساراڭ بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق ئىكەن. شىخەنزىدىكى بىر لاگېردىن چىققان ياشىنىپ قالغان بىر خىتاي ئايال «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى» نىڭ مۇرىدى بولۇپ، لاگېردا گۇندىپاي ساپما كەشنى ھۆلدەپ يۈزىگە ئۇرغان ۋە ھەر بىرنى ئۇرغاندا بىر قېتىم «ئېيتە، خۇدا بارمۇ-يوقمۇ؟» دەپ سورىغان.