ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قامالنىڭ بوشىتىلغانلىقى» داۋاملىق گۇمان قوزغىماقتا
2022.12.06
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى «خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن» دەپ ئايرىلغان رايونلاردىكى ئاھالىلەر سىرتلارغا چىقىپ سودا-سېتىق قىلىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم دۇكان ۋە ماگىزىنلارنىڭ نورمال تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ساھەسى ئەڭ «قىزىغان» تۈرلەردىن بولۇپ، نۇرغۇن زاكازلارنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقى، يەنە تۈركۈم-تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سودىلىققا كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان. ئەمما بۇ ھالنىڭ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان «يۇقۇمنى كونترول قىلىش» نامىدىكى قامال بىلەن قانچىلىك باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ قايسى دەرىجىدە قاندۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمدارىنىڭ يەتتە نەپەر ئىكەنلىكىنى، ئالامەتسىز يۇقۇمدرلار سانىنىڭ 533 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدىغىنى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەيلى سودىلىققا چىققان ئاھالە بولسۇن ياكى دۇكاندارلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىردەك خىتاي ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان «قامال» دا ئەڭ ئېغىر قۇربانلارنى بەرگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنەرسە تىلغا ئېلىنمىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جانلىق ئەكس ئەتكەن. «فېيسبوك» ۋە تىۋېتتېرلاردا تارقىلىپ يۈرگەن، تەپسىلاتىنى دەلىللەشكە ئىمكان بولمىغان قىسقا ۋىدىيولاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمىدىن «بوشىتىلغان» ئۇيغۇرلار تېزدىن قورولارغا توپلىنىپ، خىتايچە تىلدا «قىزىل ناخشا» ئېيتىشقا ۋە بايراق چىقىرىشقا تەشكىللەنگەن.
ئامېرىكادىكى ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك (Sarah Cook) خانىم «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدا كەڭ ئەۋج ئالغان پۇقرالار نامايىشى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» گە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھازىر بىر قىسىم جايلاردا «قامالنى بوشىتىش» ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك مۇددەت داۋام قىلىشىغا ھازىرچە بىرنەرسە دېمەك قىيىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.