ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت مەمۇرلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش يولغا قويۇلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.12.18

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۈمە كۈنى مەزكۇر رايوندا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ كېلەر يىلى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ قەسەمنامىسى ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە ئەمەس، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بەزى ئانالىزچىلار، بارلىق ھوقۇقنى پارتىيە كونترول قىلىپ تۇرغان خىتايدا بۇنىڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 11‏-ئايدا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ «قەسەمياد» چارىسىنى ماقۇللىغان.

خەۋەردە، مەزكۇر چارىنىڭ 2016‏-يىلى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەزىپىگە قويغان ياكى تەستىقلىغان دۆلەت مەمۇرلىرى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت، سوت ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئاساسىي قانۇنغا ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىدىكەن.

لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، قەسەمنامىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي رولى يوق. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «خىتايدا دۆلەت مەمۇرلىرى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سورايدىغان مۇستەقىل سوت بولمىغاچقا، قەسەمنامىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.