خىتاينىڭ ھۆججەتلىك فىلىمدا خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇرلار ۋە بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلاندى

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 20-يانۋار كۈنى 2014-يىلى خىتاي چېگراسىدىن ۋىيېتنام، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاچقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتتى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ھازىرغىچە خەلقئاراغا ئاشكارىلانمىغان چېگرادىن قېچىش ۋەقەلىرى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار سانى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 29-ئاپرېل خوتەن قاراقاش ۋەقەسى، 5-نويابىر خوتەن گۇما ۋەقەسى قاتارلىق بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.

ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئاشكارىلىنىشىچە، «2014-يىلى خىتاينىڭ گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى ۋىيېتنام، تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆتىدىغان چېگرالىرىدا 262 قېتىم چېگرادىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلار سانى 852 گە يەتكەن. 352 ئادەم چېگرادىن قېچىش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. فىلىمدا خىتاي چېگرا قاراۋۇللىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ۋە چېگرادا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ كونكرېت سانى تىلغا ئېلىنمىغان.

دائىرىلەر ھۆججەتلىك فىلىمدا يەنە، چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چەتئەللەردىكى ئاتالمىش «ئىسلامىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» نىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ھىجرەت» ئۈچۈن ماڭغان ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالغان، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن چەتئەللەرگە قېچىش يولىنى تاللىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.