ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار 40 قا يەتتى

18-سېنتەبىر ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

18-سېنتەبىر جۈمە كۈنى سەھەر سائەت 3 مەزگىلىدە ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار تېرەك بازارغا قاراشلىق تاغ باغرىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىنىڭ كان ساقچىلىرى ۋە كان خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ساقچىلار ۋە يەرلىك ئاممىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان. بۈگۈنكى مەخسۇس پروگراممىلار سەھىپىمىزدە مۇخبىرىمىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.