ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىنچىلىقى بولغان 10 نەپەر قازاق قېرىنداش تۇتقۇن قىلىنغان

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مايتاغ شەھىرىدە 10 نەچچە نەپەر قازاق قېرىنداش ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى يۈز بەرگەن. ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان بۇ تۇتقۇنلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە سوراققا تارتىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇتقۇنلاردىن ئىككىسى 47 ياشلىق غالىبىيەت بايموللا بىلەن 49 ياشلىق كەنجىتاي ھۈسەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ياكى تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىمىزدە، ئالتايدا ئوقان ئىسىملىك قازاق ئىمامنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىل كېسىلگەنلىكى، يەنە بىر قازاق ئىمامنىڭ سانجىدا قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن ئىدى.