تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى دولات يېزىسىدا بىر قازاق كەنت باشلىقى قازاقلارنىڭ تارىخىغا دائىر لىرىك شېئىرلارنى يازغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
رادىيومىزنىڭ 30-ئۆكتەبىر ئىگىلىشىچە، تولى ناھىيەسىنىڭ دولات يېزىسى جۈمەباي كەنتىنىڭ باشلىقى قازاقلارنىڭ تارىخىغا دائىر نۇرغۇن لىرىك شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ قول تېلېفونىدا ساقلىغان. بىراق ئۇنىڭ قول تېلېفونىدىكى شېئىرلار يېقىندا بايقىلىپ قېلىپ، قولغا ئېلىنغان ھەم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
تولى ناھىيەسىنىڭ بىر قازاق پۇقراسى جۈمەباي كەنتىنىڭ كەنت باشلىقىنىڭ شېئىر يېزىپ جازالانغانلىقىنى دەلىللەپ، بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسى بېسىم تۈپەيلى ئۇنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قازاق پۇقراسى دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ كەنت باشلىقىنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ: «ئېيتىشلارغا قارىغاندا دولات يېزىسى جۈمەباي كەنتىنىڭ باشلىقىنىڭ تېلېفونىدىن ئۇنىڭ يازغان قازاق تارىخىغا دائىر نۇرغۇن لىرىك شېئىرلىرى بايقالغان. ئۇ بىر شائىر ئىدى. ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ قازاق تارىخىغا دائىر نۇرغۇن شېئىرلىرىنى ساقلىغان ئىكەن» دەپ تەكىتلىگەن.
يەنە بىر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئالتاينىڭ جېمىنەي ناھىيەسىدە يەنە بىر قازاق شائىرنى تۇتقۇن قىلغان. بىر قازاق پۇقراسىنىڭ 30-ئۆكتەبىر رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ قارجاۋ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 30 ياشلاردىكى قازاق شائىرى ئالتۇنبېك ساغىندېقنىڭ ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى بۇ يىل 4-ئايدا ئۈندىداردا ئېلان قىلىپ، دەرھال تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى بۇ يىل 9-ئايدا «شىنجاڭنىڭ بىر قانچە تارىخى مەسىلىسى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاتالمىش «خاتا ئىدىيەلەرنى تازىلاش» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.